بۇ يىل يانفون ئېقىم مىقدارى ھەققى يەنە %30 تۆۋەنلەيدۇ
     ئونۋېرسال   جەمى 0 باھا

بۇ يىل يانفون ئېقىم مىقدارى ھەققى يەنە %30 تۆۋەنلەيدۇ

     ئونۋېرسال     جەمى 0 باھا

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مياۋ ۋېينىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل ئېلىمىزدە يانفون ئېقىم مىقدارىنىڭ باھاسى يەنە %30 چۈشىدىكەن.

مياۋ ۋېي ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەزگىلدە، دۆلىتىمىز تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىدە كۆرىنەرلىك نەتىجە ياراتتى. نۇر كابىل ۋە يانفون كەڭ بەلباغ تور ئىشلەتكۈچىلىرى سانى بىردەك دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. نۆۋەتتە 50 مېگابايت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كەڭ بەلباغ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئوموملىشىش نىسبىتى %70 دىن ئېشىپ، 4G ئابونتلىرى بىر مىلياردتىن ئاشتى.

ھەقنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە، ئۈچ يىلدىن بۇيان سۈرئەتنى تېزلىتىش، ھەق قوشماسلىق، ئېقىم مىقدارىنى نۆللەشتۈرمەسلىك، ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش ۋە كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى. كەڭ بەلباغ ئابونتلىرىنىڭ يەككە ھەققى %90، كۆچمە ئالاقە ئابونتلىرىنىڭ %83.5 تۆۋەنلىتىلدى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە ئېقىم مىقدارى كەزمە ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرلىك ئېقىم مىقدارى ھەققى داۋاملىق تۆۋەنلىتىلىدۇ. يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن كۆچمە ئېقىم مىقدارى ھەققى ئالدىنقى يىلىدىن %30 دىن يۇقىرى تۆۋەنلىتىلىش پىلانلانغان بولۇپ، داۋاملىق تۈردە ئائىلە كەڭ بەلباغلىق تورى، كارخانا كەڭ بەلباغلىق تورى ۋە مەخسۇس لىنىيە ھەققىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

كۆرسەتمە