مەركىزىي بانكا كود ئارقىلىق چىقىم قىلىش يېڭى بەلگىلىمىسى
     ئونۋېرسال   جەمى 0 باھا

مەركىزىي بانكا كود ئارقىلىق چىقىم قىلىش يېڭى بەلگىلىمىسى

     ئونۋېرسال     جەمى 0 باھا

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

مەركىزىي بانكىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تۇرغۇن سىزىقلىق كودنى سېكانېرلاپ چىقىم قىلغاندا، ئوخشاش بىر خېرىدارنىڭ يەككە بانكا ھېساباتى ياكى بارلىق چىقىم قىلىش ھېساباتى ئارقىلىق تېز چىقىم قىلىش بىر كۈنلۈك ئومۇمىي سوممىسى 500 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن. بۇ بەلگىلىمىنى كۆرگەن بەزى ئىستېمالچىلارنىڭ دەسلەپكى نارازىلىق ئىنكاسى بىر كۈنلۈك ئومۇمىي سوممىنىڭ بەك تۆۋەنلىكىدە بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇنىڭدىن كېيىن كودنى سېكانېرلاپ چىقىم قىلىش سوممىسى 500 يۈەندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدىكەن، بۇ ھەقىقەتەنمۇ يەتمەيدۇ،- دەپ ئاغرىنغان. ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىك بۇنىڭغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىدە بولغان. ئالاقىدار خادىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۇرغۇن سىزىقلىق كودنى ئىشلىتىدىغانلار ئاساسلىقى ئاممىغا قولايلىق ماگېزىن، يول بويىدىكى ئۇششاق تىجارەتچىلەر بولۇپ، سېكانېرلاپ چىقىم قىلىشتا بولۇپمۇ سوممىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئىستېمالدا يەنىلا ھەرىكەتچان كودنى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ ئىكەن، بۇ دېگەنلىك مال ساتقۇچىلار سېكانېرلاش ئەسۋابى ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ يان تېلېفونىدىكى ھەرىكەتچان كودقا ئېرىشەلەيدىكەن. ئىلگىرىكى ئىستېمال سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 500 يۈەنلىك چەك قويۇلغان سومما كۆپ قىسىم ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدىكەن.

تۇرغۇن سىزىقلىق كودنى سېكانېرلاپ چىقىم قىلىشقا چەك قويۇش 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

كۆرسەتمە