22 ياشلىق يىگىت 4.22 سېكۇنتتا سېھىرلىك كۇبنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ دۇنيا رېكورتى ياراتتى
     ئونۋېرسال   جەمى 0 باھا

22 ياشلىق يىگىت 4.22 سېكۇنتتا سېھىرلىك كۇبنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ دۇنيا رېكورتى ياراتتى

     ئونۋېرسال     جەمى 0 باھا

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

5-ئاينىڭ 6-كۈنى مېلبۇرندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان سېھىرلىك كۇب مۇسابىقىسىدە 22 ياشقا كىرگەن ئاۋسترالىيەلىك فېلىكس زېمدېگس 4.22 سېكۇنت نەتىجە بىلەن دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

  مۇسابىقىدە ئۇ كۇبنى 38 قېتىم ئايلاندۇرۇپ، 4.22 سېكۇنتتا ئەسلىگە كەلتۈردى.

  2009-يىلى 7-ئايدا شۇ يىلى 13 ياشقا كىرگەن فېلىكس تۇنجى قېتىم يېڭى زېلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

  2016-يىل فېلىكس يەنە 4.73 سېكۇنتتا دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، كېيىن بۇ رېكورتنى ئامېرىكىلىق پاترىك پانسې 4.69 سېكۇنت نەتىجىدە بۇزۇپ تاشلىغان.
مەنبە:تەڭرىتاغ تورى

كۆرسەتمە