كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتىتى قىسقا فىلىم يوللاپ خاۋكىڭنى ئەسلىدى
     ئونۋېرسال   جەمى 0 باھا

كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتىتى قىسقا فىلىم يوللاپ خاۋكىڭنى ئەسلىدى

     ئونۋېرسال     جەمى 0 باھا

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

سىتېفېن خاۋكىڭنىڭ ۋاپاتىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆز ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ داڭلىق فېزىكا ئالىمىغا ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. خاۋكىڭنىڭ ئانا مەكتىپى-كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتىتىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا قالمىدى. ئۇلار يېقىندا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر قىسقا فىلىم تارقاتتى.

بۇ فىلىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 88 سېكۇنت بولۇپ، كۆپچىلىك خاۋكىڭنىڭ ئالدىنقى يىلى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى نۇتۇقىنىڭ ئۈن نۇسخىسىنى ئاڭلىيالايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ھايات ئىزنالىرى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەرنى كۆرەلەيدۇ. ۋىكى قامۇسىدىكى چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، 1959-يىلى خاۋكىڭ 17 يېشىدا كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتىتىگە كىرگەن ۋە ئۆزىنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان، يەنە يېڭى يىللىق كېچىلىكتە ئۆزىنىڭ جۈپتىنى ئۇچراتقان. گەرچە قىسقا ۋاقىت ئايرىلغان بولسىمۇ، بىراق كېيىن يەنە ئۇنىۋېرسىتىتقا قايتىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان. خاۋكىڭ كامبىرىج ئۇنىۋېرستىتىدا ئالەم بوشلۇقى ئىلمىنى ئۆگۈنۈپلا قالماستىن، ئەمەلىيەتتە ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى شۇ جايدا خىزمەت بىلەن ئۆتكۈزگەن.
فىلىمنى بۇيەردىن كۆرۈڭ

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆتكەن 50 يىلدا، كائىناتقا بولغان كۆز قارىشىمىزدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. ئەگەر مەن بۇنىڭ ئۈچۈن كىچىككىنە ھەسسەمنى قوشالىسام، ئالەمچە خۇشال بولغان بولاتتىم.
https://v.qq.com/x/page/m0605do27e3.html?start=7

كۆرسەتمە