ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلار بىلەن ئوقۇمىغانلارنىڭ پەرقى قەيەردە
     ئونۋېرسال   جەمى 0 باھا

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلار بىلەن ئوقۇمىغانلارنىڭ پەرقى قەيەردە

     ئونۋېرسال     جەمى 0 باھا

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا مەكتەپ خاتىرىمىزدىكى قىزىقارلىق ئەسلىمىلەر بولۇندى. ھاراق ئىچىلىپ بىر يەرگە بارغاندا، ئىلگىرى دەرستە ناچارراق بىر ساۋاقدىشىمىز سىنىپ باشلىقىنىڭ مۈرىسىگە شاپاللاپ تۇرۇپ: «شۇنچە ئوقۇپ نېمە پايدا كۆردۈڭ؟ مانا مەن تولۇقتىمۇ ئوقۇمىغان، لېكىن ماڭا قارا ، ھەيدىشىم ئېسىل ماشىنا، زاۋۇتۇمدا 300 نەچچە ئادەم ئىشلەيدۇ، قايسىسىدىن سورىساڭ مائاشى ھازىرقى ئالى مەكتەپ ئوقۇغان بەزى ئاق ياقىلارنىڭكىدىن يۇقىرى» دېدى.

سىنىپ باشلىقىمىز ئارتۇق گەپ قىلماي كۈلۈپلا قويدى.
ئوقۇغان بىلەن ئوقۇمىغاننىڭ پەرقى شۇنداق ئوخشايدۇ. ئوقۇغان ئادەم ئورۇنسىز ئىشلارنى تالاشمايدىكەن، بىراۋ ئۇنى «كىتاب خالتىسى» دەپ مازاق قىلسىمۇ، ئۇنى ياندۇرۇپ «ئاڭسىز يالجىغان سامان قورساق» دەپ يۈرمەيدىكەن.
بۇنداق مىساللار يەنە جىق. بەزىلەر ئاللىكىملەرنىڭ باشلانغۇچتىلا ئوقۇپمۇ يەنە باي بولۇپ، يول تېپىپ كەتكەنلىكىنى، ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوقلۇقىغا مىسال قىلىپ سۆزلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئوقۇشنى پايدىغا باغلىۋېلىشنىڭ ئۆزى يۈزەلىكتۇر.
قانچىكى ئوقۇمىغانلار ئۆزىنىڭ يولى ئېچىلغاندىن كېيىن «ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق» دەپ شۇنچە چىڭ تۇرىدىكەن. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
بۇ توغرىدا مۇنداق مەلۇماتلارنى كەلتۈرىمىز:

دۇنيادا يىللىق ئوقۇيدىغان كىتابى ئەڭ جىق يەھۇدىيلارنىڭ بىرىگە يىلدا ئوتتۇرىچە 64 كىتاب توغرا كېلىدۇ. نوبېل مۇكاپاتى بېكىتىلگەندىن كېيىن، خىمىيە مۇكاپاتىنىڭ 20 پىرسەنتى، فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ 25 پىرسەنتى، بىئولوگىيە ۋە تېبابەت مۇكاپاتىنىڭ 27 پىرسەنتى، ئىقتىساد مۇكاپاتىنىڭ 41 پىرسەنتى، ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ 12 پىرسەنتى، شۇنداقلا پۇلىتسىر ۋە ئوسكار مۇكاپاتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرى يەھۇدىلارغا تەگدى.
ئۇلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ 0.3 پىرسەنتىلا ئىدى.
ئوقۇيدىغان مىللەت ئەلۋەتتە ئىلغار مىللەتتۇر.
ئوقۇمايمۇ ئاز - تولا يول تاپقانلار ئوقۇپ ئېرىشىدىغان تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى كۆرەلمەي قالىدۇ.

2

«ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق» دەيدىغانلارنىڭ نەزىرىدە ئوقۇش راستلا ئورۇنسىز ئىشمۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەس.
مەسىلەن، بىر ئاشپەز تىرىشىپ ئىشلەپ ئاشخانىدىن بىرنى ئاچتى، ئاندىن تىجارىتى خېلى مېڭىپ شۇ ئەتراپتا يەنە ئىككى ئاشخانا كۆپەيتتى، ئاندىن ئۆزىنىڭ ماركىسىنى ياراتماقچى، ئىگىلىكنى تېخىمۇ زورايتماقچى بولدى، لېكىن كېيىنكى ئىشلارغا كۈچى يەتمەيدىغىنىنى سەزدى. ئۇ تاماق ئېتىشتىن باشقىنى ئۇقمىغاچقا، كېيىنكى ئىشلارنى ۋاقىت چىقىرىپ، زېھىن قويۇپ يېڭىباشتىن ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدى.
ئادەم باشتا نەزەرگە ئىلمىغان ئىشلارنى ھامان باشقىدىن تولۇقلايدىغان يەرگە كېلىدۇ. بۇنى بايقىيالىغانلار ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىدۇ، ئىگىلىكى ھەر قانچە زورايسىمۇ، تاپقىنى ھەر قانچە جىق بولسىمۇ، بالىسىغا ھەرگىز «ئوقۇمىغىن، مەنمۇ ئوقۇماي باي بولغان» دېمەيدۇ.

ئوقۇمىغانلارنىڭ ئۆزىنى بىر بالداق يۈكسەلتمىكى ئوقۇغانلاردىن تەسراق بولىدۇ.
ئوقۇغان ئادەملەرنىڭ مەسىلىلەرگە قارىشىمۇ باشقىچە بولىدۇ.
جىخۇ (مۇنازىرە تورى)دا بىر تورداشنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇرۇن ئىمتىھان بەرگەندە تولا بىخەستەلىك قىلىدىكەن. دادىسى ئۇنىڭغا «بىخەستەلىكتىن خاتا ئىشلىگەنلىرىڭ قالسۇن، ئۇقمايدىغان سوئاللارنى ئوبدان ئىشلىگىن» دەيدىكەن.
ئاپىسىنىڭ قارىشى بۇنىڭغا ئوخشىمايدىكەن.

ئۇ ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئۇنىڭغا: «بىلمەي ئىشلىيەلمىگەننىڭ كارايىتى چاغلىق، بىلمىگەننى بىلىۋېلىشمۇ تەس ئەمەس. مۇھىمى بىخەستەلىكتە خاتا ئىشلىگەنلىرىڭ. شۇ بىخەستەلىك مىجەزىڭگە سىڭىپ قالسا، ئىمتىھاننىلا ئەمەس، ئادەتتىكى ئىشلىرىڭنىمۇ ئوبدان قىلالمايسەن. تۇرمۇشۇڭدا شۇ ئىللەتنى تاشلىيالمىساڭ، ئىمتىھاندىكى خاتالىقلىرىڭمۇ تۈگىمەيدۇ، ھەتتا بىر ئۆمۈر پالاكەت باسىدۇ» دەيدىكەن.
ئوقۇمىغانلار مەسىلىگە بىرلا نۇقتىدىن قاراپ قالىدۇ، ئەكسىچە، ئوقۇغانلار تېخىمۇ چوڭقۇر ھەم ئەتراپلىق ئويلاشنى بىلىدۇ.

3

لياڭ شىچيۇنىڭ «ھۇجرا خاتىرىلىرى» ناملىق ئەسىرىدە «تىللاشنىڭ ئۆزىمۇ چوڭقۇر ئىلىم» دەپ بىر ماقالە بار، ئوقۇغان ئادەم ئۇنى تىللىشىش دەرسلىكى دەپ قالىدۇ.
دېمىسىمۇ، ئادەم تىللاشتا ئوقۇغانلار بىلەن ئوقۇمىغانلار كۆپ پەرقلىنىدۇ.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل مەلۇم جايدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا پەستىن بىر قەغەز سۇنۇلىدۇ. قارىسا، «كالۋا» دەپلا يېزىلغان. پەستىكىلەر «ئۇنىڭ يۈزى چۈشىدىغان بولدى» دەپ تۇرغاندا، چېرچىل قىياپىتىنى ئۆزگەرتمەي «ماڭا بىر خەت كەلدى، ئەپسۇس، ئىگىسى گېپىنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئىسمىنىلا يېزىپتۇ» دەيدۇ.
بۇنداق مىساللار يەنە بار. مەسىلەن، بىر ئەر ئايالىنىڭ بەتخەجلىكىدىن ئاغرىنىپ «نەدە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە ئامراقكەنسىز» دېگەندە، ئايالى مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ «ئۆزىڭىزنى ئۇنداق دېمەڭ» دەيدۇ.
ئوقۇمىغانلار تۈز گەپلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ، كۆڭۈل ئاغرىتىدۇ، گەپ-سۆزلىرىدىن نادان ھەم قوپاللىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئوقۇغانلار يۇمۇرلۇق، تەمكىن كېلىدۇ، ئاھانەت ئاڭلىسىمۇ گەپنى زېرەكلىك بىلەن ئۆزىگە ياندۇرۇپ بېرىدۇ، يۈزىنى ساقلايدۇ.

4

ئىلگىرى «ئوقۇمىغاننىڭ چاقچىقىمۇ ئوخشىماس» دەپ بىر ماقالە ئوقۇغانىدىم، راست شۇنداقكەن، ئوقۇمىغانلار بىلەن قىلغان پاراڭدىن نەتىجە چىقمايدىكەن.
مۇنداق بىر گەپلەرنى ئاڭلايمىز:

مۇشۇ سەۋەبتىن، شىركەتتە خېرىدار چاقىرغۇچىلار بولسۇن ياكى مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار بولسۇن، قىلىشقۇدەك گەپ تاپالماي قالىدۇ، كۆپ ئىشلار ھەققىدە پىكىرلىشەلمەيدۇ، مۇستەقىل قاراش تۇرغۇزالمايدۇ. ئۆيدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىن باشقىنى ئۇقمايدىغان ئادەم پاراڭدا يالغۇز قالىدۇ.
ئەكسىچە، كۆپ ئوقۇغاننىڭ بىلىشىمۇ، پىكىرلىشىدىغان تېمىسىمۇ كۆپ بولىدۇ.

5

شۇنداق بىر قىسىم ياشلار بار. ئۇلار ئۆزىنى ھۇۋقۇشتەك چاغلايدۇ، ئۆز جىمجىتلىقىغا كۆنەلمەيدۇ، يالغۇز قالسىلا ئىچى سىقىلىدۇ، زېرىكىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
سەۋەبى، ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتى قۇۋۋەت تاپالمىغان، جىسمى قۇرۇق قاپقا ئوخشاپ قالغان، خۇشلۇق-خاپىلىقلىرىغا سەۋەبنى سىرتتىن ئىزدەيدىغان بولۇپ قالغان. شۇڭا ماددىيىتى تويۇنغان بولسىمۇ ئىچكى توقلۇق تاپالمىغان.
ئوقۇمايدىغانلارنىڭ روھىيىتى ھەر قاچان ئۆلۈك ھەم قۇۋۋەتسىز بولىدۇ، بىكار قالسىلا ئويۇن ئوينايدۇ، كىنو كۆرىدۇ ياكى ئۇخلايدۇ.
ئەكسىچە، ئوقۇغان كىشىلەر ھەر قانچە يالغۇز قالسىمۇ ئۆز ۋۇجۇدىدىكى سادىق مۇڭدىشىنى تاپالايدۇ، خۇددى لياڭ شياۋشېڭ ئېيتقاندەك: «ئوقۇغانلارلا يالغۇزلۇققا ئەڭ بەرداشلىقتۇر.»

6

توردا «ئوقۇغان بىلەن ئوقۇمىغاننىڭ پەرقى قانداق بولىدۇ؟» دېگەن مەزمۇندا مۇنداق بىر گەپ بار: «پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرىنى كۆرگەندە، ئوقۇغان ئادەم <ئاجىز شەپەق ئۆرلەر يالغۇز تۇرنىنى قوغلاپ، كۈزدە دەريا سۈيى ئاقار ئاسماننى بويلاپ> دېگەن مىسرالارنى ئەسلەيدۇ، ئوقۇمىغان ئادەم <ۋاھ...، ئالامەت چىرايلىقكەن جۇمۇ!> دەيدۇ.»

كىشىنىڭ ئوقۇشىدا ئىپادىلىنىدىغان بۇنداق مەدەنىيەت ئاساسى كونىلارنىڭ «قورساقتىكى بىلىم چىرايغا چىقار» دېگىنىدەك ئىگىسىنىڭ يۈزىنى ھەر قاچان يورۇق قىلىدۇ. «شېئىرىيەت بەزمىسى» (诗词大会) سۇنۇمى (پىروگراممىسى)نىڭ رىياسەتچىسى، تىل ۋە ئەدەبىيات بىلىمى بىلەن كىشىنى قايىل قىلىدىغان دوڭ چىڭ (董卿) دىن بىر زىيارەتتە «قانداق كىتابلارنى بەكرەك ياقتۇرىسىز؟» دەپ سورالغاندا، «تاڭ شېئىرلىرىنى ياقتۇرىمەن. ئاددىي نەچچە مىسرا بىلەن شۇنچىۋالا خەلقتە ئورتاق تۇيغۇ قوزغىيالىغان تاڭ شېئىرلىرى نېمىدىگەن گۈزەل!» دېگەنىكەن.
ئوقۇمىغانلارنىڭ تىلى بولسا «سەت»، «ۋەھشىي»، «دەھشەت»...دېگەندەك سۆزلەرگىلا بېكىنىپ قالىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئوقۇغانلار بىلەن ئوقۇمىغانلارنىڭ پەرقى يىللارسېرى ئاسمان-زېمىنچە بولۇپ قالىدۇ.

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى شېن خۇي، تەرجىمانى لولىتا، شۇنداقلا ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ۋە تارقاتقۇچىسى پارچىلار سالونى

مەنبە ئادرىسى: http://mp.weixin.qq.com/s/rG5y36VDskC-QHGG74XO8Q

كۆرسەتمە