بۇ بەلكىم ئەڭ غەلىتە iPhone لايىھەسى بولۇشى مۇمكىن
     ئونۋېرسال   جەمى 0 باھا

بۇ بەلكىم ئەڭ غەلىتە iPhone لايىھەسى بولۇشى مۇمكىن

     ئونۋېرسال     جەمى 0 باھا

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

ئالمىنىڭ iPhoneنى ئىزچىل تۈردە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى لايىھەلىگۈچىلەر ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان بىر پۇرسەت بولۇپ كەلدى، سىز توردا تۈرلۈك غەيرىي شەكىلدىكى مەھسۇلات لايىھەلىرىنى پات-پات ئۇچرىتىپ قالىسىز. بۈگۈنكى كۆپچىلىككە iPhone Ringنىڭ بىر گۇرۇپپا ئۇقۇم لايىھەسىنى تونۇشتۇرىمىز، بۇ iPhoneغا راستىنلا غەيرىي لايىھە ئىشلىتىلگەن، ھەتتا Home كۇنۇپكىسىنىڭ ئورنىغا بىر تۆشۈك ئېچىپ قويۇلغان.

سۈرەتتىكى بۇ iPhone Ring ئۇقۇم يانفونىنىڭ گەۋدىسى تېخىمۇ ئۇزۇن، ئادەمنى جەلپ قىلىدىغىنى ئېكرانى ئاستىدىكى يۇمىلاق تۆشۈك، بۇ ھەم iPhone Ringنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. لايىھەلىگۈچى iPhone بىلەن ئۈزۈكنىڭ لايىھەسنى بىرلەشتۈرگەن، ھازىرقى مودا مەھسۇلاتلارغا سېلىشتۇرغاندا بىر ئاز غەلىتە تۇيۇلىدۇ.
رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

لايىھە ھامان لايىھە، بۇ «تۆشۈك» ئەمەلىيەتتە خېلى يامان ئەمەس ئىقتىدارغا ئىگە. بۇ تۆشۈك مىكروفون، نەپەس چىرىغى قاتارلىقلارنى مۇكەممەل بىرىكتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارماق ئىزى سېنزورى توپلاشتۇرۇلغان، ئۇ تۆشۈكنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشتۇرۇلغان. بىر تۆشۈكنى ئۈچ ئىشقا ئىشلىتىشتەك بۇنداق لايىھەسمۇ ناھايىتى ئۆزگىچە ھېسابلىنىدۇ.

بۇ تۆشۈك ئۈچ خىل ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئابۇنت سىرتقا چىققان ۋاقىتتا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدۇ. بىز سىرتقا چىققاندا بارمىقىمىزنى تۆشۈككە سېلىۋالساقلا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىلى بولىدۇ. يانفوننىڭ ئارقىسىدىن قارىغاندا، كامېراسى، ئالمىنىڭ logoسى ۋە ئاستىدىكى Home تۆشۈكى بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە كەلتۈرۈلگەن، بەلكىم ئاندرويىدنىڭ لايىھەسىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان بولسا كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇقۇم لايىھەسىدىن iPhone Ringقا ئالدى قوش كامېرا ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بىر تەرەپ قىلغۇچى ھازىرچە نامەلۇم، ئەمما تېخنىكا قاتلىمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ iPhone Ringنى ئىشلەپچىقىرىش ئۇنچە تەس ئەمەس، پەقەت شۇ ئالمىنىڭ بۇ لايىھەنى قوللىنىش ياكى قوللانماسلىقىغا باغلىق.
رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

بۇ ئۈزۈك شەكلىدىكى تۆشۈك بۇ يانفوننىڭ مەشغۇلات مەركىزى بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق يانفوننى ئېتىپ-ئاچقىلى، يۇمىلاق ھالقىنى سىيرىش ئارقىلىق ئارقىغا چېكىنگىلى، ئۈستەل يۈزىگە قايتقىلى ھەمدە ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇۋاتقان ئەپلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.

قىزىقارلىق يېرى، لايىھەلىگۈچى يەنە بۇ تۆشۈككە كۆپلىگەن زاپچاسلارنى سەپلىگەن. يۇمىلاق تۆشۈكنىڭ ئارقىسىدىكى مېتال چەكمە نۇقتا ئارقىلىق ئوخشىمىغان زاپچاسلاردا ئوخشىمىغان ئىقتىدارلارنى ھازىرلاشقا بولىدۇ، مەسىلەن: ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى مىكروفون، سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ قالتىس كامېرا، قول چىراغ قاتارلىقلار.
رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

ئەمما بەزى تورداشلار بۇ خىل لايىھەنى تەنقىدلەپمۇ ئۈلگۈردى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ پۈتۈنلەي ئالمىنىڭ ئادەتلەنگەن «مەجبۇرلاش كېسىلى» تىپىدىكى لايىھە ئۇسلۇبىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدىكەن، يانفونغا تۆشۈك ئېچىپ قويغاندا مەجبۇرلاش كېسىلى بارلار قانداقلا قارىسا غەلىتە تۇيۇلىدۇ. قېنى سىز دەپ بېقىڭ، بۇ خىل لايىھەنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟

يازما مەنبەسى:ئۇزدىل تورى

كۆرسەتمە