ما يۈن شەخسىي نامدا شياڭگاڭ فوندىغا 50 مىليون ئىئانە قىلدى
     ئونۋېرسال   جەمى 0 باھا

ما يۈن شەخسىي نامدا شياڭگاڭ فوندىغا 50 مىليون ئىئانە قىلدى

     ئونۋېرسال     جەمى 0 باھا

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

ئىتتىپاق شياڭگاڭ فوندى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، ئەلى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ رەئىسى ما يۈن شەخسىي نامدا بۇ فوندى جەمئىيەتكە 50 مىليون شياڭگاڭ دوللىرى ئىئانە قىلىپ، مائارىپ، ياشلار، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى سىياسەت تەتقىقاتى ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قوللىغان. ئىتتىپاق شياڭگاڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوڭ جيەنخۇا ئەپەندىم ما يۈننىڭ غەمخورلۇقىدىن چەكسىز مىننەتدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما يۈن شياڭگاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەقىياتىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۈچ چىقىرۋېتىپتۇ.
ئىگىلىنىشچە، فوندى جەمئىيەت ما يۈن بۇ قېتىم ئىئانە قىلغان 50 مىليون شياڭگاڭ پۇلىنى شياڭگاڭنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى تەتقىقات خىزمىتىگە سەرپ قىلىپ، ھۆكۈمەت، مائارىپ ساھەسى ۋە ئالاقىدار زاتلارنى ئۇزۇن مەزگىللىك مائارىپ سىياسىتى ۋە ئىستىراتېگىيەسى بىلەن تەمىنلەپ، جەمئىيەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

كۆرسەتمە